ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش سۈپەتلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغاندا، ئۆرە تۇرغان ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنەتتى، ئاندىن: ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر: دېگەن سۆز بىلەن نامازنى باشلايتتى، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيتتى ۋە يەنە بىر سۈرىنى ئوقۇيتتى، ئاندىن رۇكۇ قىلاتتى، ئاندىن رۇكۇدىن سۈلبىنى تۈز قىلاتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن سەجدىگە باراتتى، ئاندىن سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرەتتى، ئاندىن ئىككىنچى سەجدىنى قىلاتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن زېمىنغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىنچى رەكەتكە ئۆتەتتى.
تۆۋەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئادا قىلىش سۈپىتىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى مۇۋاپىق ئادا قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىمىز.
1- مۇسۇلمان پەرز ياكى نەپلە بولسۇن ھەرقانداق نامازغا تۇرغاندا قەيەردە بولسا قىبلىگە يۈزلىنىدۇ، بۇ نامازنىڭ ئاساسلىق پەرزىدۇر، ناماز پەقەت قىبلىگە يۈزلىنىش بىلەن ئادا تاپىدۇ.
2-قاتتىق ئۇرۇش بولاۋاتقاندا، قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغان ئەسكەرلەردىن قىبلىگە يۈزلىنىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
-كېسەل، كېمىدە، پاراخۇتتا، ماشىنىدا ياكى ئايرۇپىلاندا كىتىۋاتقان كىشىلەر ناماز ۋاقتىنىڭ چېقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندە، ئۇلاردىن قىبلىگە يۈزلىنىش ساقىت قىلىنىدۇ.
-نەپلە ياكى ۋېتىر نامىزى ئوقۇغان كىشى ئۇلاغقا مېنىپ ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرىدا كېتىۋاتقاندا، مۇمكىن بولسا نامازغا تەكبىر ئېيتىدىغان ۋاقىتتا قىبلىگە يۈزلىنىش ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە بولىدۇ.
3-كەبىنى كۆرۈپ تۇرغان ھەر قانداق كىشىنىڭ كەبىنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ، كەبىنى كۆرمىگەن كىشىلەر بولسا كەبىنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىدۇ.
-خاتالىشىپ قىبلىنىڭ غەيرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى.
4-ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ياكى قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن كۆپ تېرىشچانلىق قىلغاندىن كېيىن خاتالىشىپ قىبلىنىڭ غەيرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ نامازنى كېيىن قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
5-ئىنسان ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئىشەنچىلىك بىر كىشى كېلىپ قىبلىنىڭ تەرىپىنى خەۋەر بەرگەن بولسا، دەرھال قىبلىگە يۈزلىنىشى كېرەك بولىدۇ، نامىزى سەھىھ بولىدۇ.
6-نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ نامازنىڭ ئاساسلىق بىر پەرزىدۇر. لېكىن قاتتىق ئۇرۇش بولاۋاتقاندا قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغانلار ئۇلاغدا ئوقىسىمۇ بولىدۇ، ئۆرە تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن كېسەل ئولتۇرۇشقا قادىر بولسا ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ قادىر بولالمىسا يېتىپ ئوقۇسا بولىدۇ، ئۇلاغقا مېنىپ كېتىۋېتىپ نەپلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، ئولتۇرۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، رۇكۇ ۋە سەجدىنى بىشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ، كېسەلمۇ رۇكۇ، سەجدىنى ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ، سەجدىنى رۇكۇدىن پەسرەك قىلىدۇ.
7-ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ سەجدە قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا بىر نەرسىنى قويۇشى توغرا بولمايدۇ، بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغاندەك، زېمىنغا بىۋاستە پىشانىسىنى قويۇشقا قادىر بولالمىسا، سەجدىنى رۇكۇدىن پەسرەك قىلىدۇ.
-كېمە ۋە ئايرۇپىلاندا ناماز ئوقۇش.
8- كېمىدە شۇنداقلا ئايرۇپىلاندا پەرز ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.
9-كېمە ۋە ئايرۇپىلاندا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا يىقىلىپ چۈشۈشتىن ئەنسىرىسە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
10-ياشىنىپ قالغانلىق ياكى بەدىنى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ھاسىغا ياكى تۈرۈككە يۆلىنىۋالسا دۇرۇس بولىدۇ.
-نامازدا ئۆرە تۇرۇش بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش.
11-كېچىدە ناماز ئوقۇغاندا ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئۈزۈر بولمىسىمۇ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، ئۆرە تۇرۇش بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ ئارىسىنى جۇغلىسىمۇ بولىدۇ، نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ قىرائەت قىلىپ رۇكۇغا ئاز قالغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ قالغان ئايەتنى ئۆرە تۇرۇپ تاماملاپ ئاندىن رۇكۇ-سەجدە قىلىپ ئاندىن ئىككىنچى رەكەتتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلسا بولىدۇ.
12-ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا چازانە قۇرۇپ ياكى قايسى شەكىلدە راھەت ئولتۇرسا شۇ شەكىلدە ناماز ئادا قىلسا بولىدۇ.
-پۇتىدىكى ئاياغنى سالماي ناماز ئوقۇش.
13-ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولغاندەك، يالاڭ ئاياغ ناماز ئوقۇشمۇ دۇرۇس.
14-ئەڭ ياخسىشى بىر قېتىم ئاياغ بىلەن يەنە بىر قېتىم يالاڭ ئاياغ ناماز ئوقۇش كېرەك، قايسى ھالەتتە ناماز ئوقۇش ئاسان بولسا شۇنى قىلسا بولىدۇ، ناماز ئۈچۈن ئاياغنى كىيمەن ياكى چېقىرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى يالاڭ ئاياغ بولسا شۇ بويۇنچە، ئاياغ كەيگەن بولسا شۇ بويۇنچە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، لېكىن تاسادىپى ئىش بولسا ئۇنىڭغا كۆرە بولىدۇ.
15-ئەگەر ئايىغىنى سېلىپ ناماز ئوقۇغاندا ئاياغنى ئوڭ تەرىپىدە قويماسلىق، سول تەرىپىدە ناماز ئوقۇيدىغان كىشى بولمىسا سول تەرىپىدە قويۇش، ئەگەر سول تەرەپتىمۇ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى بولسا، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدا قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا ئاياغنى ئالدىدا قويماسلىققا ئىنچىكە ئىشارەت بار، بۇ ئەدەپكە كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار رىئايە قىلمايۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس كەلگەن.
-مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇش.
16-ئىمامنىڭ كىشىلەرگە نامازنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن مۇنبەرگە ئوخشاش ئۈستۈن جايدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى توغرا بولىدۇ، نامازغا تەكبىر ئېيتىدۇ، قىرائەت قىلىدۇ، شۇ ھالىتىدە رۇكۇ قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن كەينىگە يېنىپ مۇنبەرنىڭ ئەسلىدىكى يەرگە سەجدە قىلىدۇ، ئاندىن يەنە مۇنبەرگە چىقىپ بىرىنچى رەكەتتە قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى قىلىدۇ.
-سىترە قويۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
17-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سىترە توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىس ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، ناماز ئادا قىلغۇچى چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن مەسچىتتە بولسۇن ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن ئالدىدا سىترە قويۇپ ناماز ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىترە قويۇپ ناماز ئوقۇغىن، ئالدىڭدىن ھېچ كىشىنىڭ ئۆتىشىگە يول قويمىغىن، ئەگەر ئۇنىماي ئۆتمەكچى بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويمىغىن، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن شەيتان بىللىدۇر».
18-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن سىترىگە يېقىن تۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
19-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قىلىدىغان ئورنى بىلەن نامازغا تۇرغان يۈزلىنىدىغان تامنىڭ ئارىلىدا بىر قوي ئۆتكىدەك ئورۇن قالاتتى، شۇنداق قىلغان كىشى سىترىگە يېقىن بولغان بولىدۇ، مەن دەيمەنكى: بۇنىڭغا كۆرە ھازىر سۇرىيەدە بولسۇن ياكى باشقا دۆلەت-رايۇنلاردا بولسۇن، كىشىنىڭ مەسچىتنىڭ تېمىدىن ياكى تۈۋرۈكلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئادا قىلىشلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتىدىن نەقەدەر غاپىل قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
-ناماز ئادا قىلغۇچى ئالدىغا قويىدىغان سىترەنىڭ مىقدارى.
20-سىترەنىڭ زېمىندىن بىر غېرىچ ياكى ئىككى غېرىچ ئۈستۈن بولىسى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئالدىغا ئىگەرنىڭ قۇش بېشىچىلىك ياكى تۆگىنىڭ توقىمىچىلىك بىر نەرسە قويسۇن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىشىلەر ئۆتسە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىسۇن». بۇ ھەدىس زېمىنغا سېزىق سېزىپ قويسا دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس زەئىپتۇر.
21-سىترىگە بىۋاستە يۈزلىنىدۇ، چۈنكى بۇ سىترە قويۇپ ناماز ئوقۇشقا بولغان بۇيرۇقنىڭ كۆرىنىشىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇدۇل تۇرماي، ئوڭ ياكى سولغا مايىل بولۇپ تۇرۇشنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل يوق.
22-زېمىنغا سانجىلغان ھاسا دېگەندەك نەرسىلەرگە، دەرەخكە، تۈۋرۈككە ياكى كارۋاتتا يوتقانغا يۆگىنىپ يىنى ياتقان ئايالغا ياكى ئۇلاغقا گەرچە ئۇ تۆگە بولسىمۇ، يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.
-قەبىرگە يۈزلىنىڭ ناماز ئوقۇش ھارام بولىدۇ.
23-مۇتلەق ھالەتتە پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسى بولسۇن ياكى باشقا ھەر قانداق قەبىر بولسۇن، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ.
-ھەرەم مەسچىتىدە بولسىمۇ ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش ھارام بولىدۇ.
24-ھەرەم مەسچىتىدە بولسۇن ياكى باشقا مەسچىتلەردە بولسۇن ئالدىدا سىترە قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش توغرا بولمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدىكى ھەدىسى ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىدە دۇرۇس بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشى بۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە بولىدىغان خاتالىقنى بىلسە ئېدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن قىرىققىچە تۇرغىنى ياخشى ئېدى». يەنى ئۇ كىشىنىڭ ئارىسى بىلەن سەجدە قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئارىسىدىن ئۆتىشى دېمەكتۇر.
ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاۋاپ مەيدانىنىڭ بىر تەرىپدە سىترە قويماي ناماز ئادا قىلغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھ ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ سەجدە قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئارىسىدىن ئۆتىدىغان ئىش بولمىغان.
-ناماز ئادا قىلغۇچى ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغان كىشىنى گەرچە ھەرەم مەسچىتىدە بولسىمۇ چەكلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
25-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان: «ئالدىڭدىن بىرىنى ئۆتكىلى قويمىغىن» دېگەن ھەدسكە كۆرە، ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ سىترەنىڭ ئارىسىدىن بىرىنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويىشى توغرا بولمايدۇ.
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىنسانلاردىن چەكلەيدىغان سىترىگە ئوخشاش نەرسىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغاندا، بىرسى ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى كۆكسىدىن ئېتىرىپ كۈچىنىڭ يېتىشچە يىراق قىلسۇن، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنى ئىككى قېتىم چەكلىسۇن، ئۇنىڭغا ئۇنىماي يەنە ئۆتىمەن دېسە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن ھەقىقەتەن ئۇ شەيتان» دېگەن.
-ناماز ئوقۇغۇچى ئالدىدىن ئۆتىدىغانلارنى چەكلەش ئۈچۈن ئالدىغا مېڭىش.
26-ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان كېچىك بالا ياكى مال-چارۋا دېگەندەك نەرسىلەرنى توساش ئۈچۈن بىر-ئىككى قەدەم ئالدىغا مېڭىشى توغرا بولىدۇ.
-نامازنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار.
27-نامازدا سىترە قىلىپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيتىدىن: سىترە ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ بۇزىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما سىترە قويماي ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدىن ئايال، ئىشەك ۋە قارا ئىت قاتارلىقلار ئۆتسە ئۇ كىشىنىڭ نامىزى بۇزىلىدۇ.
28-ناماز ئوقۇغۇچى چوقۇم ئۆزى شۇ ۋاقىتتا ئوقۇماقچى بولغان نامازنى نىيەت قىلىشى كېرەك، خۇددى پېشىن ياكى ئەسىرنىڭ پەرزى ياكى ئۇنىڭ سۈننىتى دېگەننى كۆڭلىدە تەيىن قىلىشى لازىم، بۇ نامازنىڭ شەرتى ياكى ئاساسلىق پەرزى، ئەمما نىيەتنى ئاغزاكى دېيىش بولسا سۈننەتكە خىلاپ بولغان ئىشتۇر، كىشىلەر ئەگىشىدىغان مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھېچ بىرى نىيەتنى ئاغزاكى قىلىشنى دېمىگەن.
29-ئاندىن نامىزىنى ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆز بىلەن باشلايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت، ئۇنى باشقا ئىشلاردىن چەكلەيدىغىنى تەكبىر، ئۇنى نامازدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھالال قىلىدىغىنى سالام» دېگەن ھەدىسگە كۆرە، بۇ تەكبىر نامازنىڭ ئاساسلىق پەرزىدۇر، ھەدىستىكى ھالال ياكى ھارام دېگەندىن: ئادەتتە ھالال بولغان ئىشلار نامازغا تەكبىر ئېيتىش بىلەن ھارام بولىدۇ، سالام بەرگەندىن كىيىن ھالال بولىدۇ، دېمەكتۇر.
30-ئىمامدىن باشقا كىشىلەر ھەر قانداق نامازدا تەكبىرنى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دېمەيدۇ.
31-مۇئەززىننىڭ ئىمامنىڭ تەكبىرىنى جامائەتكە يەتكۈزىشى توغرا بولىدۇ، بۇ ئىمام كېسەل ياكى ئاۋازى زەئىپ ياكى مىكرۇپۇن يوق ياكى جامائەت بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالدا بولىدۇ.
32-ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ تەكبىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەكبىر ئېيتىدۇ.
-ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش شەكلى ۋە قانداق ۋاقىتتا كۆتۈرۈش كېرەكلىكى.
33- ئىككى قولىنى تەكبىر بىلەن بىرگە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كۆتەرسە بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ھەدىستە بايان قىلىنغان.
34-ئىككى قولىنى قولىنىڭ بارماقلىرىنى سوزغان ھالەتتە كۆتۈرەيدۇ.
35-ئىككى ئالقىنىنى ئىككى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە قىلىدۇ، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغىچە كۆتۈرەيدۇ. مەن دەيمەنكى: ئىككى باش بارمىقى بىلەن ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى سىلاش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان، بەلكى ئۇ مېنىڭ قارىشىمدا ۋەسۋەسىنىڭ ئالامىتىدۇر.
-ئىككى قولنى قويۇش ۋە قايسى ئورۇندا قويۇشنىڭ شەكلى.
36-تەكبىردىن كېيىن ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى شۇنىڭغا بۇيرىغان، ئىككى قولىنى ساڭگىلىتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ.
37-ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئالقىنىنىڭ ئۈستىگە، بېغىشىغا ۋە بېلىكىگە قويسا بولىدۇ.
38-بەزى ۋاقىتتا ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى چېڭ تۇتىدۇ، ئەمما كېيىنكى دەۋرىدىكى بەزى ئۆلىمالارنىڭ بىر ۋاقىتتا قولنى چىڭ تۇتۇش بىلەن قويىۋېتىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلىشى ياخشى دېگەن قارىشىنىڭ ھەدىستىن ئەسلى يوق.
-قولنى قويۇشنىڭ ئورنى.
39-ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن قولىنى پەقەت كۆكسىنىڭ ئۈستىدە-مەيدىسىدە قويىدۇ، مەن دەيمەنكى: ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ غەيرىدە قويۇش توغرىسىدىكى ھەدىس زەئىپ ياكى بۇنىڭ ئەسلى يوق.
40-ئوڭ قولىنى بېقىنىغا قويۇش توغرا بولمايدۇ.
-نامازدا خۇشۇ بىلەن سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇرۇش.
41-نامازدا خۇشۇ بىلەن تۇرۇش كېرەك، زېھنىنى چاچىدىغان ھەرقانداق ئىش ۋە خىياللاردىن يىراق بولۇش لازىم. شۇنداقلا تاماق ھازىر بولۇپ كۆڭلى تاماقنى ئېشتىھا قىلىپ تۇرغاندا، چوڭ-كېچىك تەرىتى قىستاپ قالغاندا نامازغا تۇرماسلىق كېرەك.
42-قىيامدا تۇرغاندا سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراش كېرەك.
43-ئوڭ ۋە سول تەرەپكە قارىماسلىق، بۇنداق قىلىش ئېزىقىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەيتان بەندىنى نامازدىن ئازغاشتۇرىدۇ.
44-نامازدا تۇرۇپ ئاسمانغا قاراش توغرا بولمايدۇ.
-پاتىھەدىن بۇرۇنقى ناماز باشلاش دۇئاسى.
45-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بەزى دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن قىرائەتنى باشلاش كېرەك، ئۇ دۇئار بەك كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ مەشھۇرلىرىدىن: «سۇبھانەكەللاھۇممە، ۋەبىھەمدىكە، ۋەتەبارە كەسمۇكە، ۋەتەئەلا جەددۇكە، ۋەلائىلاھە غەيرۇكە» كۆپ ھالەتلەردە بۇ دۇئانى ئوقۇش بېكىتىلگەن، بۇنى ھەر بىر ناماز ئوقۇغۇچى ئېسىدە تۇتىشى كېرەك، خالىغان كىشىلەر باشقا دۇئالارنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن رىياد شەھرىدىكى مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان(نامازنىڭ سۈپىتى ناملىق كىتاپنىڭ) 91-95-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن .
46-ئاندىن ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيم دەپ پاناھلىق دۇئاسى ئوقۇيدۇ.
47-بەزى ۋاقىتتا: ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى، ئازدۇرىشى، كەمسىتىشى ۋە قالايمىقانچىلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسىمۇ بولىدۇ.
48- بەزى ۋاقىتتا: ھەممىنى ئاڭلىغۇچى، بىلگۈچى ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسىمۇ بولىدۇ.
49-ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنلۈك ئوقۇيدىغان ياكى مەخپى ئوقۇيدىغان نامازدا ئېچىدە بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەيدۇ.
-پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش.
50-ئۇنىڭدىن كېيىن بىسمىللاھ بىلەن قېتىپ پاتىھە سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇيدۇ، بۇ نامازنىڭ ئاساسلىق بىر پەرزى، بۇ سۈرىنى ئوقۇمىسا ناماز توغرا بولمايدۇ، بۇ سۈرىنى بىلمىگەنلەرنىڭ ياد ئېلىپ ئېسدە تۇتىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
51-پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشقا قادەر بولالمايدىغان كىشىنىڭ: «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ» دېيىشى كۇپايە قىلىدۇ.
52-پاتىھە ئوقۇشتىكى سۈننەت، ھەر بىر ئايەتنى ئايرىم-ئايرىم ئوقۇش كېرەك، ھەر بىر ئايەتنىڭ بېشىدا توختاش لازىم. مەسىلەن: بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ توختايدۇ، ئاندىن: ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين دەپ توختايدۇ، ئاندىن: ئەررەھمانىر رەھىم دەپ توختايدۇ، سۈرىنى بۇ شەكىلدە تاماملايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىرائىتىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولغان، ھەر بىر ئايەتنىڭ بېشىدا توختايتتى، بىرىنى-بىرىگە ئۇلىمايدۇ، گەرچە مەنىسى ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق ئوقۇيدۇ.
52-پاتىھەنى ئوقۇغاندا «مالىكى ياكى مەلىكى» دەپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.
-ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشى.
54-ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنڭ جەھرى نامازدا بولسۇن ياكى سىررى نامازدا بولدۇن ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنى ئىمام پاتىھەنى ئوقۇپ ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇۋېلىشى ئۈچۈن بىر ئاز توختىغاندا ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ شەكىلدە توختاش ھەدىستە بايان قىلىنمىغان، مەن كۆرۈپ چىقتىم ئۇلارنىڭ تايانغان ھەدىسى زەئىپ ھەدىس ئىكەن. مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان"زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 2-توم 24-26-بەت (546، 547)،
-پاتىھەدىن كېيىن سۈرە ئوقۇش.
55-پاتىھەدىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ، بۇ جىنازە نامىزى ياكى تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ دەسلەپكى ئىككى رەكىتىدە بولسۇن ئوخشاش سۈننەتتۇر.
56-بەزى ۋاقىتتا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا سەپەر، ھۆتەل، كېسەللىك ياكى كېچىك بالىنىڭ يېغىسى دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن قىرائەتنى قىسقا قىلىدۇ.
57-نامازنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن قىرائەتمۇ ئوخشىمايدۇ، باشقا بەش ۋاقىت نامازغا كۆرە، بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئاندىن پېشىندە، ئاندىن ئەسىردە، ئاندىن خۇپتەندە ئاندىن كۆپ ۋاقىتتا شامدا قىسقا قىلىدۇ.
58-كېچىلىك نامازنىڭ ھەممىسىدە قىرائەت ئۇزۇن بولىدۇ.
59-قىرائەتنى بىرىنچى رەكەتتە ئۇزۇن قىلىش ۋە ئىككىنچى رەكەتتە قىسقا قىلىش سۈننەتتۇر.
60-تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ كېيىنكى ئىككى رەكىتىدە قىرائەتنى دەسلەپكى ئىككى رەكەتتىن قىسقا قىلىدۇ، يەنى ئەۋۋەلقىنىڭ يىرىمىنىڭ مىقدارىدا قىرائەت قىلىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى بىلىش ئۈچۈن (نامازنىڭ سۈپەتلىرى ناملىق كىتاپنىڭ 102-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىڭ).
-نامازدا ھەر بىر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش.
61-نامازدا ھەر بىر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
62-بەزى ۋاقىتتا ئاخىرقى ئىككى رەكەتتىمۇ پاتىھەدىن كىيىن سۈرە ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ.
63-ئىمامنىڭ قىرائەتنى سۈننەتتە بايان قىلىنغاندىنمۇ بەك ئۇزۇن قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ياشانغان، كېسەل، ئېمىدىغان بالىسى بار ئايال ياكى ھاجەتمەنلەرگە قېيىن بولىدۇ.
-قىرائەتنى ئۈنلۈك ۋە مەخپى ئوقۇش.
64-بامدات، جۈمە، ئىككى ھېيت نامىزى، سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى، كۈن تۇتۇلۇش نامىزى، شام ۋە خۇپتەننىڭ ئەۋۋەلقى ئىككى رەكىتىدە قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىدۇ. پېشىن نامىزى، ئەسىر نامىزى، شامنىڭ ئۈچىنچى رەكىتى، خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە قىرائەتنى مەخپى قىلىدۇ.
65-ئىمامنىڭ مەخپى نامازلاردا بەزى ۋاقىتتا قىرائەتنى جامائەت ئاڭلىغۇدەك قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.
66-ۋېتىر، كېچىلىك نامازلاردا قىرائەتنى بەزى ۋاقىتتا مەخپى، بەزى ۋاقىتتا ئۈنلۈك ۋە يەنە بەزى ۋاقىتتا ئوتتۇرىھال قىلىدۇ.
-قىرائەتنى تەرتىل بىلەن قىلىش.
67-نامازدا قۇرئاننى ئالدىراپ بەك تىز ئوقۇماستىن ھەرىپلەرنى تولۇق چېقىرىپ تەرتىل بىلەن ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ، يەنى تەجۋىد ئەھلىنىڭ نەزىرىدە تونۇشلۇق ھۆكۈملەر دائىرىسىدە غۇننە چېقىرىپ، ئاۋازىنى چىرايلىق قىلىپ قۇرئاننى گۈزەل ئوقۇش كېرەك، قۇرئاننى مۇزىكا قانۇنىغا تەڭكەش قىلىدىغان ياكى بىدئەتچىلەردەك لەھنە قىلىپ ئاھاڭ چېقىرىپ ئوقۇماسلىق لازىم.
68-ئەگەر ئىمام قىرائەتتە دۇدۇقلاپ قالسا، ئىمامغا ئەگەشكەن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا لوقما سېلىشى توغرا بولىدۇ.
-رۇكۇ قىلىش.
69-قىرائەتتىن بىكار بولغاندا بىر نەپەس ئىلىۋالغۇدەك مىقداردا تۇرىۋېتىدۇ.
70-ئاندىن ئىلگىرى ناماز باشلاش تەكبىرىدە بايان قىلىنغان يوللارغا كۆرە، ئىككى قولىنى كۆتۈرەيدۇ.
71- ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئىيتىدۇ، بۇ تەكبىرنىڭ ھۆكمى ۋاجىپتۇر.
72-ھەر بىر بوغۇم ئىگىلگۇدەك، ھەر بىر ئەزا ئۆز ئورنىغا چۈشكىدەك مىقداردا رۇكۇ قىلىدۇ، رۇكۇ بولسا نامازنىڭ ئاساسلىق بىر پەرزىدۇر.
-رۇكۇ قىلىش شەكلى.
73-ئىككى قولىنى ئىككى تېزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ چىڭ تۇتىدۇ، خۇددى ئىككى تېزىنى چاڭگاللاپ تۇتقاندەك قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچىدۇ.
74-دۈمبىسىنى سوزۇپ تەكشى قىلىدۇ، گوياكى دۈمبىسىدە بىر ئىستاكان سۇ قويسا توختىغۇدەك ھالەتتە رۇكۇ قىلىدۇ.
75-بېشىنى بەك ساڭگىلىتىۋالمايدۇ، بەك ئۈستىگىمۇ كۆتىرىۋالمايدۇ، لېكىن دۈمبىسى بىلەن باراۋەر قىلىدۇ.
76-ئىككى بېلىكىنى ئىككى بېقىنىدىن يىراق قىلىدۇ.
77-رۇكۇ قىلغاندا: «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» نى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دەيدۇ، رۇكۇدا دەيدىغان يەنە باشقا زىكىرلەرمۇ بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسى بەك ئۈزۈم بەزىسى ئوتتۇرىھال، بەزىسى قىسقا، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مائارىپ نەشىرياتى نەشىر قىلغان"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش سۈپىتى" ناملىق كىتاپنىڭ 132-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
-پەرزلەرنى باراۋەر قىلىش.
78- ئۇزۇن قىلىشتا بارلىق پەرزلەرنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىش سۈننەت بولىدۇ، رۇكۇ، رۇكۇدىن كېيىن تۇرۇش، سەجدە قىلىش، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇش ھەممىسى مىقدار جەھەتتە بىر-بىرىگە يېقىن بولىشى كېرەك.
79-رۇكۇدا ۋە سەجدىدە قۇرئان ئايىتى ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.
-رۇكۇدىن كېيىن راۋرۇس تۇرۇش.
80-رۇكۇدىن سۇلبىنى كۆتۈرۈش بۇ پەرزدۇر.
81-رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغاندا: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېيىش» بۇ ۋاجىپتۇر.
82-رۇكۇدىن تۇرغاندا يۇقىردا بايان قىلىنغان بويىنچە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش.
83- رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ھەممە ئەزا ئۆز ئورنىغا قايتىپ بولغىچە ناھايتى خاتىرجەم، راۋرۇس تۇرۇش كېرەك. بۇ پەرزدۇر.
84-بۇ ھالەتتە تۇرغاندا: «رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ» دېيىش، بۇ ئورۇندا دەيدىغان يەنە باشقا زىكىرلەرمۇ بار، بۇنىڭ ئۈچۈن "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش سۈپىتى" ناملىق كىتاپنىڭ 135-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن. بۇ ھەر بىر ناماز ئوقۇغۇچىغا ۋاجىپتۇر. گەرچە نامازغا كېيىن كېرگەن بولسىمۇ مەيلى، چۈنكى بۇ قىيامدا تۇرۇشنىڭ زىكرىدىن، «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دېيىش بولسا رۇكۇدىن كېيىن تۇرۇشنىڭ زىكىرلىرىدىن، بۇ ھالەتتە تۇرغاندا رۇكۇدىن بۇرۇن قىيامدا تۇرغاندەك، بىر قولىنى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە قويۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ھەدىس زىكىر قىلىنمىدى. خالىسىڭىز "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش سۈپىتى" ناملىق كىتاپنىڭ قىبلىگە يۈزلىنىش دېگەن بۆلىمىگە مۇراجىئەت قىلىڭ.
85-يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بۇ ھالەتتە تۇرۇش ۋە رۇكۇنىڭ ئارىسىنىڭ باراۋەر قىلىش لازىم.
86-ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ تەكبىر ۋاجىپتۇر.
87-بەزى ۋاقىتتا ئىككى قولىنى كۆتۈرەيدۇ.
-سەجدىگە ئىككى قولى بىلەن بېرىش.
88-ئاندىن سەجدىگە ئىككى قولى بىلەن بارىدۇ، ئىككى قولىنى ئىككى تېزىدىن بۇرۇن قويىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بېكىتىلگەن، تۆگىنىڭ چۆكۈشىگە ئوخشاپ قىلىشتىن توسقان. (تۆگە چوكلانغاندا، ئالدى بىلەن ئالدى ئىككى پۇتىنى زېمىنغا قويىدۇ).
89-سەجدە قىلغاندا ئىككى ئالقىنىغا تايىنىدۇ ۋە ئۇنى يايىدۇ، بۇ پەرزدۇر.
90-قولىنىڭ بارماقلىرىنى يۇمىدۇ.
91-بارماقلىرىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرىدۇ.
92-ئىككى ئالقىنىنى ئىككى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە قىلىدۇ.
93-بەزىدە ئىككى ئالقىنىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ باراۋېرىدە قىلىدۇ.
94-ئىككى بېلىكىنى زېمىندىن كۆتۈرۈپ تۇرۇش ۋاجىپتۇر، ئىت قولىنى يايغىنىدەك يايمايدۇ.
95-سەجدىدە بۇرنى ۋە پېشانىسىنى زېمىنغا تەككۈزىدۇ، بۇ پەرزدۇر.
96-ئىككى تېزىنى يەرگە تەككۈزىدۇ.
97-ئىككى پۇتىنىڭ ئەتراپىنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
98-ئىككى پۇتىنى تىكلەپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاجىپتۇر.
99- ئىككى پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلە تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ.
100-تاپىنىنى تەكشى قىلىدۇ.
-راۋرۇس سەجدە قىلىش.
101-سەجدىنى راۋرۇس قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ سەجدە قىلىنىدىغان بارلىق ئەزالارغا تايىنىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ: پېشانە بىلەن بۇرۇن، ئىككى ئالقان، ئىككى تېز ۋە ئىككى قەدەمنىڭ ئەتراپىدىن ئىبارەت.
102-سەجدىنى مۇشۇنداق راۋرۇس قىلغان كىشى ئىشەنچ بىلەن خاتىرجەم بولغان بولدى، سەجدىدە خاتىرجەم بولۇش پەرزدۇر.
103-سەجدە قىلغاندا: «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دەيدۇ، سەجدىدە دەيدىغان يەنە باشقا زىكىرلەرمۇ بولۇپ بۇنى بىلىش ئۈچۈن"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش سۈپىتى"ناملىق كىتاپنىڭ 145-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
104-سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ، چۈنكى بۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇندۇر.
105-بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، سەجدىنى ئۇزۇنلۇقتا رۇكۇغا يېقىن قىلىش كېرەك.
106-سەجدىنى بىۋاستە زېمىننىڭ ئۆزىگە ياكى جەيناماز، بورا ياكى باشقا نەرسىنىڭ ئۈستىگە قىلسىمۇ بولىدۇ.
107-سەجدە قىلغان ھالىتىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.
-ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇش ۋە كاسىسىنى قويۇپ ئولتۇرۇش.
108-سەجدىدىن بېشىنى تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە كۆتۈرەيدۇ، بۇ ۋاجىپتۇر.
109-بەزى ۋاقىتتا ئىككى قولىنى كۆتۈرەيدۇ.
110-ئاندىن ھەر بىر ئەزا ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشقۇچە مىقداردا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ. بۇ پەرزدۇر.
111-سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ، بۇ ۋاجىپتۇر.
112-ئوڭ پۇتىنى تىكلەيدۇ.
113-پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرىدۇ.
114-بەزى ۋاقىتتا ئىككى پۇتىنى تىكلەپ تاپىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ.
115-بۇ ھالەتتە ئولتۇرغاندا: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھمەت قىلسىلا، مېنىڭ كۆڭلۈمنى توق قىلسىلا، دەرىجەمنى ئۈستۈن قىلسىلا، تېنىمنى سالامەت قىلسىلا ۋە رىزىق ئاتا قىلسىلا دەيدۇ.
116-ئەگەر خالىسا: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھمەت قىلسىلا دەيدۇ.
117-بۇ ئولتۇرۇشنى سەجدىگە يېقىن بولغىدەك ئۇزۇن قىلىدۇ.
-ئىككىنچى سەجدە.
118-ئاندىن تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ تەكبىر ۋاجىپتۇر.
119-بەزى ۋاقىتتا بۇ تەكبىرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا دەيدۇ.
120-ئىككىنچى سەجدىنى قىلىدۇ، بۇ پەرزدۇر.
121-بۇنىڭدا بىرىنچى سەجدىدە قىلغاندەك قىلىدۇ.
-ئارام ئىلىپ ئولتۇرۇش.
122-ئىككىنچى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئىككىنچى رەكەتكە تۈرۈشنى مەقسەت قىلغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ تەكبىر ۋاجىپتۇر.
123-بەزى ۋاقىتتا ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ.
124-ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەر بىر ئەزا ئۆز ئورنىغا قايتقۇدەك ھالەتتە سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە راۋرۇس بىر ئولتۇرىدۇ.
-ئىككىنچى رەكەت.
125-ئاندىن ئىككى قولىنى خېمىر ئىشلىگەندە مۇشتىمىنى تۈككەندەك چىڭ تۈگۈپ زېمىنغا تايىنىپ ئىككىنچى رەكەتكە تۇرىدۇ، بۇ پەرز.
126-بۇنىڭدا بىرىنچى رەكەتتە قىلغاندەك قىلىدۇ.
127- ئىككىنچى رەكەتنىڭ بېشىدا ناماز باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇمايدۇ.
128-ئىككىنچى رەكەتنى بىرىنچى رەكەتتىن قىسقىراق قىلىدۇ.
-تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇش.
129-ئىككىنچى رەكەتنى ئوقۇپ بولغاندا تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرىدۇ، بۇ ۋاجىپتۇر.
130-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشتا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرىدۇ.
131-بۇنىڭدا ئىككى تاپىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرمايدۇ.
132-ئوڭ ئالقىنىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ۋە تېزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئوڭ جەينىكىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن يىراق قىلمايدۇ.
133-سول ئالقىنىنى سول يوتىسى ۋە تېزىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ.
134-بۇنىڭدا قولىغا بولۇپمۇ سول قولىغا تايانمايدۇ. بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارايدۇ.
135- ئوڭ ئالقىنىنىڭ بارمىقىنىڭ ھەممىسىنى يۇمىدۇ، بەزى ۋاقىتتا باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
136-بەزى ۋاقىتتا باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى ھالقا شەكىلدە قىلىدۇ.
137-كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن قىبلە تەرەپكە ئىشارەت قىلىدۇ.
138-كۆزىنى ئۇنىڭغا قارىتىدۇ.
139-تەشەھۇتنىڭ ئەۋۋىلىدىن ئاخىرغىچە بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ.
140-سول قولىنىڭ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلمايدۇ.
141-تەشەھھۇتنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق قىلىدۇ.
-تەشەھھۇتنىڭ شەكلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان دۇئا.
142-تەشەھھۇت ئوقۇش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.
143-تەشەھھۇتنى ئېچىدە ئوقۇيدۇ.
144-تەشەھھۇتنىڭ شەكلى: «ئەتتەھەيياتۇ لىللاھى، ۋەسسەلاۋاتۇ ۋەتتەييىبات، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەن نەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادۇللاھىسسالىھىين، ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ». بۇ يەردە سۆزلىگىنىم ئەڭ سەھىھ بولغىنى، مۇشۇ كىتابىمدا، تەشەھھۇتنىڭ يەنە باشقا شەكىللىرىمۇ بار.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام يوللاش: بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئىجرا بولاغلىق، بۇ ئىبنى مەسئۇد، ئائىشە، ئىبنى زۇبەير قاتارلىقلاردىن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان تەشەھھۇتلەردە بار. بۇنىڭ تەپسىلاتى، مېنىڭ رىيادتىكى مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش قائىدىسى"ناملىق كىتابىمنىڭ 161-بىتىدە بايان قىلىنغان.
145-تەشەھھۇتتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، سالام ئوقۇلىدۇ، بۇنىڭ شەكلى: «ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەد، ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىد».
146-ئەگەر خالىسىڭىز بۇ شەكىلدىكى قىسقىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ: «ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەد، ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد، ۋەبارىك ئەلا مۇھەممەد، ۋەئەلە ئالى مۇھەممەد، كەما سەللەيتە ۋە بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىد».
147-بۇ تەشەھھۇتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى ياخشى بىلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان دۇئالارنى تاللاپ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ.
-ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكەت.
148-ئاندىن تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ تەكبىر ۋاجىپتۇر، ئولتۇرغان ھالىتىدە تەكبىر ئېيتىش بولسا سۈننەتتۇر.
149-بەزى ۋاقىتتا ئىككى قولىنى كۆتۈرەيدۇ.
150-ئاندىن ئۈچىنچى رەكەتكە تۇرىدۇ، بۇمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكىگە ئوخشاش پەرز.
151-تۆتىنچى رەكەتكە تۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
152-لېكىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشقىچە مىقداردا سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ.
153-ئاندىن ئىككىنچى رەكەتتە تۇرغاندىكىگە ئوخشاش ئىككى قولىغا تايىنىپ تۇرىدۇ.
154-ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، بۇ ۋاجىپ.
155-بەزى ۋاقىتتا پاتىھە سۈرىسىگە بىر ئايەت قاتىدۇ.
-ھادىسىلەر يۈزبەرگەندە قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇش ۋە قۇنۇت ئوقۇشنىڭ ئورنى.
156-مۇسۇلمانلارغا بىرەر ھادىسە بولغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىپ قۇنۇت ئوقۇش سۈننەتتۇر.
157-قۇنۇتنى رۇكۇدىن كېيىن رەببەنا لەكەلھەمدۇ دەپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدۇ.
158-قۇنۇت ئۈچۈن رەتلەنگەن بىر دۇئا يوق، يۈز بەرگەن ۋاقىئەگە مۇناسىپ دۇئا قىلسا بولىدۇ.
159-بۇ دۇئادا ئىككى قولىنى كۆتۈرەيدۇ.
160-ئىمام بولسا دۇئانى ئۇنلۈك قىلىدۇ.
161-ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرغانلار ئىمامغا ئامىن دېيىشىپ بېرىدۇ.
162-قۇنۇت دۇئاسىدىن بىكار بولغاندىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلىدۇ.
163-بەزى ۋاقىتتا ۋېتىر نامىزىدا قۇنۇت ئوقۇسا بولىدۇ.
164-ۋېتىردا قۇنۇتنى رۇكۇدىن ئىلگىرى ئوقۇيدۇ، ھادىسە يۈز بەرگەندە ئوقۇيدىغان قۇنۇتقا ئوخشىمايدۇ.
165-قۇنۇتتا تۆۋەندىكى دۇئالارنى ئوقۇيدۇ: اللهم اهدني فيمن هديت وعافني فيمن عافيت، وتولني فيمن توليت، وبارك لي فيما أعطيت، وقني شر ما قضيت فإنك تقضي ولا يقضى عليك وإنه لا يذل من واليت ولا يعز من عاديت تباركت ربنا وتعاليت، ولا منجا منك إلا إليك .
166-بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن دۇئا بولۇپ، ساھابىلاردىن سابىت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.
167-ئاندىن رۇكۇ قىلىدۇ ۋە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىككى سەجدىنى قىلىدۇ.
-ئاخىرىقى تەشەھھۇت، ۋە ئىككى پۇتىنى بىر تەرەپتىن چېقىرىپ كاسىسىدا ئولتۇرۇش.
168-ئاندىن ئاخىرىقى تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرىدۇ.
169-بۇنىڭدا بىرىنچى تەشەھھۇتتا قىلغاندەك قىلىدۇ،
170-لېكىن ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئوڭ پۇتىنىڭ ئاستىدىن سول كاسىسىنى چېقىرىپ ئولتۇرىدۇ.
171-ئوڭ پۇتىنى تىكلەيدۇ.
172-بەزى ۋاقىتتا سول پۇتىنى يېيىپ ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ.
173-سول قولىنىڭ ئالقىنى تېزىغا كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا تايىنىدۇ.
-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، سالام يوللاش ۋە تۆت نەرسىدىن پاناھلىق تېلەش ۋاجىپ.
174-بۇ تەشەھھۇتتا يەنى بىرىنچى تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، سالام يوللاش ۋاجىپ بولىدۇ ئۇنىڭ بەزى شەكىللىرنى بىرىنچى تەشەھھۇتتا سۆزلەپ ئۆتتۇق.
175-تۆت ئىشتىن پاناھلىق تېلەشتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن، قەبىر ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن».
ھاياتلىقنىڭ پىتنىسى دېگەن: ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادا يۈز بېرىدىغان پىتنە-پاسات، شەھۋەت، شەك-شۈبھىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ. ماماتلىق پىتنىسىدىن: قەبىرنىڭ ئازابى ۋە ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئالى مەقسەت قىلىنىدۇ. مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن: دەججالنىڭ قولىدا كۆرىلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلاركى بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىۋېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلاھلىق دەۋاسىغا ئەگىشىپ كېتىدۇ.
-سالامدىن كېيىنكى دۇئا.
176-ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان خالىغان دۇئالارنى قىلىدۇ، بۇ دۇئالار بەك كۆپ، ئەگەر بۇ دۇئالارنى بىلمىسە، ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا پايدىلىق بولىدىغان دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ.
-سالام ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى.
177-ئاندىن ئوڭ تەرىپىگە ئوڭ مەڭزىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگۈدەك قايرىلىپ سالام بېرىدۇ، بۇ پەرزدۇر.
178- ئاندىن سول تەرىپىگە سول مەڭزىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگۈدەك قايرىلىپ سالام بېرىدۇ.
179-ئىمام ئۈنلۈك ئاۋازدا سالام بېرىدۇ.
180-سالامنىڭ يوللىرى بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ۋەبەرەكاتۇھۇ دەپ ئوڭ تەرىپىگە، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ۋەبەرەكاتۇھۇ دەپ سول تەرەپىگە سالام بېرىدۇ.
ئىككىنچى: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەيدۇ، ۋەبەرەكاتۇھۇ دېمەيدۇ.
ئۈچىنچى: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ئوڭ تەرىپىگە، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دەپ سول تەرىپىگە سالام بېرىدۇ.
تۆتىنچى: ئوڭ تەرەپكە ئازراق مايىل بولۇپ ئۇدۇللا بىر سالام بېرىدۇ.
مۇسۇلمان قېرىندىشىم! يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش قائىدىلىرىدىن ماڭا ئاسان بولغانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى، بۇنى مەن سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزغا يېقىن بولسۇن دەپ بەك ئېنىق، زېھنىڭىزدا ئورۇنلىشىدىغان، گوياكى كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ تۇرغاندەك قىلىشقا ئۇرۇندۇم، ئەگەر سىز مەن سىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش قائىدىسىنى سۈپەتلەپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇسىڭىز، مەن ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ بۇ نامىزىڭىزنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، چۈنكى سىز بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرۇپ تۇرغاندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن سۆزىنى ئەمەلى روياپقا چېقارغان بولىسىز.
ئاندىن كېيىن سىز بۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ھۇزۇرى دىل، خۇشۇ بىلەن قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۇنۇتماڭ، چۈنكى بۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ غايىسىدۇر، سىزنىڭ نامىزىڭىز مەن سىزگە سۈپەتلەپ بەرگەن خۇشۇدىن قەلبىڭىزگە ئورنىغان نەرسىنىڭ مىقدارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ. بۇ سىزگە ئاللاھ تائالا «ھەقىقەتەن ناماز ناچار قىلىق، مۇنكەر ئىشلاردىن چەكلەيدۇ» دېگەن ئايەتتە ئىشارەت قىلغان ئۇمىت قىلىنىدىغان نەتىجىنى بېرىدۇ.
ئاخىرىدا: ئاللاھ تائالادىن بىزدىن بىزنىڭ نامازلىرىمىزنى ۋە باشقا ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشنى، ئۇنىڭ ساۋابىنى ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان، پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلەيدىغان، بىز ئۆزىگە ئۇچرىشىدىغان قىيامەت كۈنىگە ساقلاپ قويىشىنى سورايمىز. ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە: شەيخ ئەلبانىنىڭ:"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش قائىدىسى" ناملىق كىتابى.
ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ناسىرىددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش قائىدىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى، تەكبىردىن سالامغىچە گوياكى سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ تۇرغاندەك" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.