ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قەبرە ئۈستىگە گۈمبەز-قۇببىلەرنى ياساشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

04-01-2026

سۇئال 130919

قەبرە ئۈستىگە گۈمبەز-قۇببىلەرنى ياساشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

قەبرە ئۈستىگە گۈمبەز-قۇببىلەرنى ياساش ھارام بولىدۇ، بۇنداق قىلىش قەبرە ئەھلىنى ئۇلۇغلاش، قەبرە ساھىبىغا چوقۇنۇش ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن، رېئاللىققا نەزەر سالغاندىمۇ قەبرە ئۈستىگە كاتتا گۈمبەز ۋە قۇببىلەرنى بىنا قىلغان ئورۇنلاردا كىشىلەر بۇ قەبرە ساھىبلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىپ ئىلتىجا قىلغان ۋە دۇئا قىلغان.

قەبرە ساھىبلىرىگە دۇئا قىلىپ يېلىنىش، قىيىنچىلىقلارنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئىنساننى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ شېرىكتۇر. ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز".

ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەقىدە پەتىۋاسى"  26 -بەت.

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش