ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىسلامدا ئىككى تۈرلۈك گۇناھ بار، بىرى چوڭ گۇناھ، يەنە بىرى كېچىك گۇناھ. مېنىڭ سوئالىم: قولى بىلەن ئىستىمنا قىلىش، شەھۋانە فېلىملەرنى كۆرۈش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنامدۇ ياكى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنامدۇ؟، ئاشۇ ئاسىيلىقنىڭ ئاخىرەتتە جازاسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ھەرقانداق مۇئمىن بۇنداق سۈرەت، شەھۋەتنى قوزغايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك، چۈنكى بۇ ئىشلار ئىستىمنا ۋە زىنا قاتارلىق ئاسىيلىققا تۈرتكە بولىدۇ، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم. شەكسىز بۇنداق پىلىملەرنى كۆرۈش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھ بولىدۇ، چۈنكى داۋام قىلغان گۇناھ كېچىك گۇناھ بولمايدۇ. كېچىك گۇناھنى داۋاملاشتۇرغان ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىق سەۋەبىدىن چوڭ گۇناھقا چۈشۈپ قالىدۇ، ئەمما بىر قېتىم قىلىپ قالغان ياكى قاراپ قالغان بولسا بۇ كېچىك گۇناھ بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىستىمنا شەھۋەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىر قېتىم بولۇپ قالسا، ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي چۈنكى ئۇ كېچىك گۇناھ بولىدۇ، ئەمما ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھ بولىدۇ.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ بىن جەبرىين رەھىمەھۇللاھ.