ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قىز-خانىملارنىڭ ئۆز ئېرىدىن باشقا تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ھازا تۇتۇشى توغرا بولامدۇ؟

20-08-2025

سۇئال 127942

بەزى ئالىملارنىڭ: "ئايال كىشى ئېرىدىن باشقا تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈنگىچە قارىلىق تۇتۇپ، زىبۇ-زىننەتنى تەرك قىلىپ، گۈزەل كىيىملىرىنى كېيمەسلىكى ياخشى بولىدۇ" دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، بۇ سۆز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇ سۆز توغرا، بۇ توغرىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال ئېرىدىن باشقا تۇغقانلىرىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتمايدۇ، ئەمما ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتىدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش