ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

كاپىرلارنىڭ بەزى قىلىقلىرىنى قىلىشنىڭ مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا

06-01-2026

سۇئال 126993

مۇسۇلمان كىشىدىن ئۆزىنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇپرى ئەمەللەر سادىر بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەمەلىيىتى بىلەن كاپىرنىڭ قىلىقىنى قىلىش مۇسۇلماننى دىندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ مىسالى:  بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنۇش، سەجدە قىلىش، ئاللاھنىڭ غەيرىدىكى بۇتلارغا، يۇلتۇزلارغا ياكى جىن-شەيتانلارغا ئاتاپ چارۋىلارنى بوغۇزلاش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ مۇسۇلماننى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇپرى ئەمەللەردۇر، ئىنسان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئۈچۈن ناماز ئادا قىلسا ياكى سەجدە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن چوڭ كۇپۇرنى سادىر قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسان ناۋادا ئىسلام دىنىنى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياكى ئاللاھ تائالانى ياكى ئاللاھنىڭ قايسى بىر پەيغەمبىرىنى تىللىسا، ھاقارەت قىلسا مەسخىرە قىلسا ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى بارلىق ئەھلى-سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئەمەلىيىتى بىلەن مۇسۇلماننى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كاپىرنىڭ قىلىقىنى قىلغان بولىدۇ".

"شەيخ بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 146/28" .

كۆپ ئىلاھىزىم(شىرك)ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش