ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ، تازىلاشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا

03-11-2025

سۇئال 1197

ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالدىم، ناماز ئارىسىدا بۇرنۇمغا سۇ ئالمىغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى، مېنىڭ ئالغان تاھارىتىم ۋە ئوقۇغان نامىزىمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ، تازىلاش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلانغان، ھەمدە بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاھارەت ئالغان كىشى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىسۇن». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ : «تاھارەت ئالغان كىشى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىسۇن» دېگەن سۆزىدىن تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولمايدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزنىڭ تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىپ، نامازنى قايتىدىن ئوقۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

تەرەت ئىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش