ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

خانىم -قىزلار ئۈچۈن ھەر قېتىم ئادەت كۆرگەندىن كېيىن سۈننەت قىلىش ۋاجىپ بولامدۇ؟

17-07-2026

سۇئال 1181

خانىم -قىزلار ئۈچۈن ھەر قېتىم ئادەت كۆرگەندىن كېيىن سۈننەت قىلىش (ئەۋرىتىنىڭ تۈكىنى ئېلىش) كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەۋرەتنىڭ تۈكلىرىنى يۇلۇش ياكى ئۇنى دورا بىلەن تازىلاش، چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش — ئىسلام رىغبەتلەندۈرگەن ۋە قىزىقتۇرغان تەبىئىي سۈننەتلەردىن بىرىدۇر. لېكىن بۇ ئىشنى ھەر قېتىم ھەيزدىن كېيىن قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن ئەمەس.

ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىش ئىنساننىڭ تەبىئىي پىترىتىدىندۇر:  سۈننەت قىلىش (ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش)، خەتنە قىلىش، بۇرۇتىنى قىسقارتىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش ۋە قول-پۇتنىڭ تىرناقلىرىنى ئېلىش».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  بۇرۇتىنى قىسقارتىش، تىرناقلارنى ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش ۋە سۈننەت قىلىشتا (يەنى ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىشتا) بىزگە 40 كۈندىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە بۇيرىدى«. [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، تىرمىزى، نىسائىي ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلار بايان قىلغان. ئۇلار بايان قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: «بۇ ئىشلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە قىرىق كۈننى بېكىتىپ بەرگەن«، دەيدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەبىئى ھالەتتىكى سۈننەتلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش