ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى زۆرۈر بولامدۇ؟

09-10-2025

سۇئال 109208

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىسمىنى  ئۆزگەرتىپ يېڭىدىن ئىسلامى بىر ئىسىم قويۇشى كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ بۇرۇنقى ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك بولمايدۇ، ئەمما بۇرۇنقى ئىسمى ياكى ئۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى  شەرىئەتكە زىت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭدەك پەقەت كاپىرلارغا خاس بولغان، باشقا مىللەتلەر قوللانمايدىغان ئىسىم بولسىمۇ، كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى، مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئىسمىگە كۆرە، كىشىنىڭ بۇ مۇسۇلمان بولماپتۇ دەيدىغان قاراشلىرىدىن يىراق بولۇش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: ئىسلام مەركەزلىرىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاپ ناملىق ماقالىسى 1-توم 4-بەت.

ئىسىملار ، تەخەللۇسلار ۋە لەقەملەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش