ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
كاپىر مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن ئىسلامنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلار سادىر بولسا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قېلىنىدۇ؟ قايتىدىن شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىپ ئىسلامىنى يېڭىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئۇنىڭغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ، بۇ ئىشنىڭ ئىسلامنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىش ئىكەنلىكى بايان قىلىپ بېرىلىدۇ، قايتىدىن شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىپ ئىسلامىنى يېڭىلاشنىڭ كېرىكى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسلامنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھېچ ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق» [سۈرە ئىسرا 15-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كُنَّا مُهْلِكِي الْقُرَى إِلَّا وَأَهْلُهَا ظَالِمُونَ تەرجىمىسى: «شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق» [سۈرە قەسەس 59-ئايەت].
جاھىل دېگەن زالىم ئەمەس، چۈنكى ئۇ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن گۇناھنى قەستەن قىلمىدى".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىسلام مەركەزلىرىدىن كەلگەن سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى 1-توم 32-33-بەتلەر.